2025-يىلى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 24 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6 ئەمەلىي ئاشتى

2026.02.05 15:48 مەنبە: خەلق تورى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يىغىندا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. دېھقانلارنىڭ كىرىمى سىجىل ئاشتى، 2025-يىلى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 24 مىڭ 456 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6 ئەمەلىي ئاشتى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم ھەسسىلىك پەرقى 2020-يىلىدىكى 2.56:1 دىن 2.31:1 گە كىچىكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش قاتارلىق تۇرمۇش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ