يارىشىپ قالسا توي دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولامدۇ؟ سىچۈەن ئۆلكىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مۇنداق جاۋاب بەردى

2026.02.05 15:48 مەنبە: خەلق تورى

بەزى تورداشلار سىچۈەن ئۆلكىسى تور ئاممىۋى خىزمەت سۇپىسى «问政四川» ئارقىلىق مۇنداق سوئال سورىدى

يارىشىۋالغانلار 20 كۈنلۈك توي دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولالامدۇ؟

قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەر نوپۇسىنى يۆتكەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئەسلىي يۇرتىغا يۆتكىسە بولامدۇ؟

ئالاقىدار تارماقلار جاۋاب قايتۇردى ↓ ↓

سىچۈەن ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مۇنداق جاۋاب بەردى: «سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ «<سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى>نى يولغا قويۇش داۋامىدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىنى تەتبىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بەھرىمەن بولۇشقا بولمايدۇ.

چېڭدۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مۇنداق جاۋاب بەردى: سىچۈەن ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن يوليورۇق سوراش ئارقىلىق، يارىشىۋالغانلار «سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»دا بەلگىلەنگەن توي دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ