
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى، يېقىندا ئايرودۇرۇمدا يولۇچىلار ئېقىمى سىجىل ئېشىۋاتىدۇ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن يۈك-تاقلارنى يىغىشتۇرغاندا دىققەت قىلىش كېرەك، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار، تىغلىق ئەسۋاب، چاقماق قاتارلىق ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىش مەنئى قىلىنغان نەرسىلەردىن باشقا، يەنە دائىم ئۇچرايدىغان، ئەمما ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدىغان قانداق بۇيۇملار بار؟ بۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئەسكەرتمىسىنى ياخشى ساقلاڭ.
باھار بايرىمى مەزگىلىدە ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ، كىچىك دوستلارنىڭ پوجاڭزا قاتارلىق ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ئېلىپ ئايروپىلانغا چىقىشى مەنئى قىلىنىدۇ، توشۇشنى ھاۋالە قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەقلىدىي قوراللارنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە توشۇشقا بولمايدۇ، ئاتا-ئانىلار سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئامال بار كىچىك دوستلارغا ياردەم قىلىپ بۇ بۇيۇملارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، بايرام مەزگىلىدە نۇرغۇن يولۇچىلارنىڭ يەنە ھاراق ئېلىۋېلىش ئادىتى بار، مەسىلەن گىرادۇسى 24 گىرادۇستىن 70 گىرادۇسقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاراقنىڭ ھەر بىر بوتۇلكىسى 500 مىللىلىتىردىن، ئومۇمىي مىقدارى ئىككى لىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، توشۇشنى ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ. 70 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن ھاراقنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە ھەم توشۇشنى ھاۋالە قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.
پايتەخت ئايرودۇرۇمى ئامانلىق قوغداش شىركىتى شەرقىي رايون بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش بۆلۈمى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش 3-بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن بىنبىن كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، توكدان چوقۇم ئېنىق 3C بەلگىسى ۋە ئېنىق سىغىم بەلگىسى بولغاندىلا ئاندىن يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولىدۇ، ھاۋالىلىك توشۇشقا بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ