
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركا قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەرھۇم مۇدىرى يولداش خې جياۋلۇڭغا چوڭ تۆھپە يېزىش مۇكاپاتىنى تولۇقلاپ بېرىشنى بېكىتكەن.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى باھالاپ كۆرسىتىش، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تەتقىق قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركا قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى يولداش خې جياۋلۇڭغا چوڭ تۆھپە يېزىش مۇكاپاتىنى تولۇقلاپ بېرىشنى بېكىتگەن.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ