
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقتىن ئىگىلىشىچە، 2026-يىلى، ئاپتونوم رايون ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ جەمئىيەتتىن 3937 نەپەر مەمۇرىي خادىم، مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش 2-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلىنىپ، 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن؛ 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىش ئورنىنى تەڭشەش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، ئېلان قىلىش، قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدىكەن. قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئېلانى ۋە ئىش ئورنى تەپسىلاتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ كوئېنلۇن تورى (http://www.xjkunlun.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://rst.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان تورى (http://www.xxjrsks.com.cn) دا ئېلان قىلىندى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دىققەت قىلىڭلار ھەمدە تورغا چىقىپ تەكشۈرۈڭلار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ