«توردىن كىچىك بەسەي سېتىۋېلىپ زەھەرلەنگەن» ئەر-خوتۇنغا جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى

2026.02.04 14:57 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا تورداشلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «ئەر-خوتۇننىڭ توردىن كىچىك بەسەي سېتىۋېلىپ زەھەرلىنىش ۋەقەسى»گە قارىتا، جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرى تيەنتەي ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى 3-چېسلا كەچتە ساقچى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق ئەر-خوتۇنغا قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقتىن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ساقچى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقەگە قارىتا، تيەنتەي ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈش، نەق مەيداننى چارلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان. نۆۋەتتە، چېن xx، ياڭ xx ئەر-خوتۇنغا قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقتىن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ