ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر بىر ياش ئۇزارغاننىڭ ئەھمىيىتى

2026.02.04 14:55 مەنبە: خەلق تورى

2025 ـ يىلى، دۆلىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 79 ياشقا يېتىپ، ئۇدا ئۈچ بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ھەممىسىدە بىر ياشتىن ئارتۇق ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، بۇ دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. خەلقئارا تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 75 ياشتىن يۇقىرى بولۇشتەك بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەندە، ئېشىش سۈرئىتى ئادەتتە كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدۇ، ھەر بىر پوئىنت كۆپەيتىش ئۈچۈن نەچچە ھەسسە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ھالبۇكى دۆلىتىمىز بىرقەدەر يۇقىرى ئاساسىي سان ئاساسىدا يەنە بىر قېتىم ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، سىجىل، سىستېمىلىق ياخشىلانغانلىقىنى ئەكس ئەتكۈزدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشى دۆلىتىمىزنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، سەھىيە ـ ساغلاملىق، ئىجتىمائىي كاپالەت، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق ئۆلچىمى، شۇنداقلا خەلقنى مەركەز قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ