
مۇخبىرىمىز لى جوئېر
2-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. كىتاب ئوقۇش، گېزىت كۆرۈش كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىغا باغلىق بولىدۇ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن دۆلەتنىڭ بۇ خۇسۇستا بىر نىزام چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ؟
− خەلق تورى تورداشلىرى
دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا قارىتىلغان تۇنجى مەمۇرىي نىزامى «ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. شۇ كۈنى، شەندۇڭ لىنيىدا 3000 غا يېقىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بىرلىكتە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، جاراڭلىق دېكلاماتسىيە ئاۋازى بىلەن «نىزام»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈتۈۋالدى؛ جېجياڭ نىڭبودا كىلاسسىك ئەسەرلەر باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ئويۇنى، مۇھاكىمە يىغىنى ماس قەدەمدە باشلاندى. ..كۆپ جايدا مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، كەڭ ئامما كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە كىتاب ئوقۇش شەخسىي ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ھەرگىزمۇ ھەربىر ئادەمنىڭ نېمىنى ئوقۇشى، قانچىلىك ئوقۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەش ئەمەس، ئۇنىڭ يادروسى «ئىلگىرى سۈرۈش» ۋە «كاپالەتلەندۈرۈش»تە.
مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەممىسى كىتاب ئوقۇشتىن ھاسىل بولغان مەدەنىيەت جۇغلانمىسى ۋە مەنىۋى كۈچتىن ئايرىلالمايدۇ. نۆۋەتتە، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز تېخىمۇ زۆرۈر.
مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، «نىزام»نى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن، دېيىشكە بولىدۇ. قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇ بىردىنلا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەمەس. 2013-يىلىلا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دۆلەت قاتلىمىدىن ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشى توغرىسىدا نىزام چىقىرىش تەكلىپىنى بەرگەنىدى. مۇشۇ يىللاردا، «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش» ئۇدا 12 يىل «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا كىرگۈزۈلدى، «كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشى» «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىگە كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
كىتاب ئوقۇشقا دائىر نىزام چىقىرىش جۇڭگو تۇنجى بولۇپ يولغا قويغان ئىش ئەمەس. دۇنياغا نەزەر سالساق، بەزى دۆلەتلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، دۆلەت نىزام چىقىرىش ياكى ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان تۈزۈش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى ئاممىۋى سىياسەت قاتلىمىغا كۆتۈرگەن. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزام چىقىرىش مۇساپىسى بولسا خەلقئارا تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
جۇڭخۇا مىللىتى كىتابخۇمار مىللەت، «تېرىقچىلىق بىلەن كىتاب ئوقۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش»، «مەدەنىيەت-مائارىپقا ۋارىسلىق قىلىش» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلمەكتە. بۇ ئۆزگىچە مەدەنىيەت گېنى بۇ قېتىم چىقىرىلغان نىزامنىڭ ماددىلىرىدا ئەكس ئەتكۈزۈلدى. مەسىلەن، «نىزام»دا «سۆز ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش»نىڭ رولى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، نەچچە مىڭ يىلغا سوزۇلغان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تۈزۈم غەمخورلۇقىغا ئايلاندۇرۇلدى.
ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى ئۇدا تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى جايلار كىتاب ئوقۇش پەسلى، كىتاب ئوقۇش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇردى، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق جايلارمۇ كىتاب ئوقۇشقا دائىر نىزام تۈزۈشنى سىناق قىلىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى.
«نىزام»دا پۈتۈن جەمئىيەتتە شەكىللەنگەن ئورتاق تونۇش ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ئەمەلىي تەجرىبىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ ئومۇمىيلىققا ۋە ئۇزاق داۋاملىشىشچانلىققا ئىگە قائىدىگە مۇجەسسەملىنىپ، نۆۋەتتىكى كىتاب ئوقۇشتا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكلەندى.
ئەتراپىمىزدا ئازدۇر-كۆپتۇر مۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت: يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس، ئوقۇش دائىرىسىمۇ نىسبەتەن تار؛ كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار تاپالايدىغان ئەمالار يېزىقىدىكى ئوقۇشلۇقلار يەنىلا چەكلىك، ياشانغانلار قەغەز كىتاب ئوقۇشتا قىينىلىۋاتىدۇ؛ رەقەملىك ئوقۇش سۇپىسىدىكى مەزمۇنلار سان-ساناقسىز، لېكىن چوڭقۇر، قىممىتى بار ئوقۇشلۇقلارنى تاللاش بەزىدە خۇددى قۇمدىن ئالتۇن ئىزدىگەنگە ئوخشايدۇ...
رېئال مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى شەخسنىڭ قىزغىنلىقى ۋە چىڭ تۇرۇشى بىلەنلا ھەل قىلىش تەس. نىزام چىقىرىش دەل پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېكولوگىيەسىنى تۈزۈم تىرىكىگە ئىگە قىلىدۇ:
ئۇ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدىكى نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇشنى تەشكىلىي رەھبەرلىك، مەبلەغ كاپالىتى، كىتاب ئوقۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقىقىي قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلدى؛
ئۇ تېخنىكا تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، رەقەملىك ئوقۇش بىلەن ئەنئەنىۋى ئوقۇشنىڭ بىرلىشىشىنى قوللاپ، ئەلا سۈپەتلىك رەقەملىك ئوقۇش مەزمۇنى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛
ئۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، مېيىپلەر، ياشانغانلار قاتارلىقلارنىڭ كىتاب ئوقۇش كاپالىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇۋاپىق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلەش، كىتاب ئوقۇش دەرسى تەسىس قىلىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىدىكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى قوللاش، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى بەلگىلىدى. ..
بۇ ماددىلارنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ھەربىر ئادەمنىڭ كىتابنى كۆپ ئوقۇشى، ياخشى كىتاب ئوقۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىتاب ئوقۇغۇسى بار ھەربىر ئادەمنى ئەقىل-پاراسەتتە ئورتاقلىشىدىغان خۇشاللىقتىن ئادىل بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت.
بەزىلەر مۇنداق سورىشى مۇمكىن، شۇنچە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەرزىمدۇ؟
جاۋابى ئېنىق. بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇقرالارنىڭ تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت ساپاسىدىن ئىبارەت قارىماققا «يۇمشاق» كۆرۈنىدىغان بۇ قىسىملار دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدە قانچىلىك ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن نىزام چىقىرىش كەلگۈسى ئۈچۈن «سۇ يىغىدىغان» ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىشقا تېخىمۇ ئوخشايدۇ.
شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «نىزام»نىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، مۇكەممەل كىتاب ئوقۇش ئەسلىھەلىرى شەھەر-يېزىلارنى قاپلاپ، مول، كۆپ خىل كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭىدۇ. كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇش، ياخشى كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىغا ھەقىقىي سىڭىپ كىرىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئاڭلىقلىقى ۋە كەيپىياتىغا ئايلانغاندا، «كىتابخۇمار جەمئىيەت» چوقۇم يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ مۇھىم مەدەنىيەت بەلگىسىگە ئايلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ