
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى شەندۇڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىللىق ۋە «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىراق بىلەن يېقىننى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئالدىغا قاراپ كۈچەپ يولغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك.
لى چياڭ ئالدى بىلەن جىنەن 2-ئىستانوك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ماياك زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ماتېرىيالنى ئازايتىپ ياساش، ماتېرىيالنى كۆپەيتىپ ياساش قاتارلىق ھۈنەر-سەنئەت ۋە يېڭى ماتېرىياللارنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، كارخانىنىڭ رەقەملىك ئەقلىيلەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق رىقابەت كۈچىنى سىجىل ئاشۇرغانلىقىنى قۇۋۋەتلىدى. لى چياڭ مۇنداق دېدى: ئەقلىي ياسىمىچىلىق كەسىپ تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجە ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پائال پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ياساشنى پۈتۈن زەنجىرلىك، پۈتۈن دەۋرىيلىك قايتا قۇرۇپ چىقىرش كېرەك. كۆلەم ئەۋزەللىكىنى ساقلاش ئاساسىدا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار كەسىپلەر، بولۇپمۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىپ، يۇمشاق، قاتتىق دېتاللارنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، لى چياڭ ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا تۆت دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ۋە «< 15-بەش يىل >لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى (لايىھە)»دىن ئىبارەت ئىككى پىكىر ئېلىش نۇسخىسى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلتۇر جۇڭگو ئىقتىسادى زەربىگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، بۇ يىل بىز ئىشەنچنى داۋاملىق چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار ۋە ئىلتىماس-تەلەپلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، 15-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تەدبىر، تۈرلەرنى چوڭقۇر پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، قۇۋۋەت توپلاش كېرەك. لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەر 15-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ئاز ھەم سەرخىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ھەم تولۇق بولۇشقا بېرىلمەسلىك كېرەك.
ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ