
2-ئاينىڭ 1-كۈنى، 2025 − 2026-يىلىغىچە بولغان مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) دە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ساھىبخانا مەيدان سانجى تەنتەربىيە سارىيىدا شاڭخەي ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، 95 گە قارشى 98 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى كىچىك پەرق بىلەن يەڭدى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا بىرلەشمە مۇسابىقە A گۇرۇپپىسىدا 4-بولۇشتەك نەتىجە بىلەن مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىردى. سەنشى، گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى 3-لىككە ئېرىشتى. مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 5-ئورۇندا تۇرىدىغان شەندۇڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ