
2-ئاينىڭ 2-كۈنى، «ئىككى جايدا گۈللەر ئېچىلىپ، مېھىر-مۇھەببەت يىراقلارغىچە يەتكۈزۈلدى»− يۈننەننىڭ «جياۋلۇڭ» ئەتىرگۈلىنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە سوۋغا قىلىش، يەنى خۇايۈ ئېلان قىلىش مۇراسىمى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە يولداش خې جياۋلۇڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مەخسۇس كېلىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مۇراسىمدا، يۈننەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى گۈل-گىياھ تەتقىقات ئورنى سورت يېتىشتۈرۈش كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى «جياۋلۇڭ» ئەتىرگۈلىنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ۋەكىلىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. شۇ كۈنى، «جياۋلۇڭ» ئەتىرگۈلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە يەتكۈزۈلدى.
«جياۋلۇڭ» ئەتىرگۈلى يۈننەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى گۈل-گىياھ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىسىم توپلاش پائالىيىتىدە، «جياۋلۇڭ» دېگەن بۇ نام كەڭ كۆلەمدە قوللاشقا ئېرىشكەنىدى.
«جياۋلۇڭ» دېگەن بۇ نام بۇ ئەتىرگۈل سورتىنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە يولداش خې جياۋلۇڭنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئالىيجاناب روھىنى خاتىرىلەشنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ