
1-ئاينىڭ 30-كۈنى، جىڭدۇڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۇنجى ئايروبۇس A330كەڭ گەۋدىلىك يۈك ئايروپىلانى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى. ئارقىدىنلا شىنجاڭنىڭ كالا، قوي گۆشى قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلىرىنى قاچىلاپ بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا قاراپ ئۇچتى. بۇ مۇشۇ كەڭ گەۋدىلىك يۈك ئايروپىلانىنىڭ رەسمىي سودا تىجارىتىگە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
پىلانغا ئاساسەن، كېيىنكى باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش ئاۋات مەزگىلىدە، بۇ يۈك ئايروپىلانى مەخسۇس «شىنجاڭ ئۈرۈمچى-بېيجىڭ داشىڭ» كالا، قوي گۆشى پۈتۈن يۈكلۈك ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ ھەم جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى پۈتۈن يۈكلۈك ئايروپىلانى توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ كالا، قوي گۆشىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش مىقدارىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %300 ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشى ئۈچۈن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي «بوشلۇق تېز لىنىيەسى» بەرپا قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ