
مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە داۋالىنىش كاپالىتى ساھەسىدىكى ئالدامچىلىق، سۇغۇرتىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا زەربە بېرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن. 2025-يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى داۋالىنىش كاپالىتى ساھەسىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى دېلوسىغا چېتىشلىق 3500دىن ئارتۇق كىشىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايەتچىلىرىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە قاتتىق جازالىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ