
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن 2025-يىلى ئاپتونوم رايون خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 146 مىليارد 214 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 2024-يىلىدىكىدىن %5.5 ئاشقان.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لېي خەيجۈن مۇنداق دېدى: 2025-يىلى، پۈتۈن شىنجاڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا سۈپىتى ئۆسۈش ياخشى ۋەزىيىتى نامايان بولدى.
ئۈچ كەسىپ ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى بىرقەدەر ياخشى بولدى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قوتاندىن چىقىش مىقدارى مۇقىم ئاشتى؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىرقەدەر تېز ئاشتى، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تىرىكى مۇستەھكەملەندى؛ مۇلازىمەت كەسپى مۇقىم ئاشتى، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولدى. 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 281 مىليارد 627 مىليون يۈەن بولۇپ، 2024-يىلىدىكىدىن %5.2 ئاشتى؛ 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 818 مىليارد 991 مىليون يۈەن بولۇپ، 2024-يىلىدىكىدىن %5.5 ئاشتى؛ 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1 تىرىليون 45 مىليارد 595 مىليون يۈەن بولۇپ، 2024-يىلىدىكىدىن %5.6 ئاشتى.
2025-يىلى، شىنجاڭنىڭ سېلىنما كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بىرقەدەر تېز ئاشتى؛ ئىستېمال بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى سىجىل كۆرۈنەرلىك بولدى؛ شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، مال باھا سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، خەلق تۇرمۇشى پۇختا، كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئاساسلىق خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچلىرى سىجىل ياخشىلاندى. ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاھالە كىرىمى ۋە ئاھالە ئىستېمال چىقىمى مۇقىم ئاشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ