قەشقەر-تاشكەنت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2026.02.02 15:49 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىن كەلگەن ئايروبۇس A320 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا سىلىق قوندى، بۇ قەشقەر-ئۆزبېكىستان تاشكەنت خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر-ئۆزبېكىستان تاشكەنت خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قەشقەر ئاۋىياتسىيە-سودا ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى فېيشياڭ (FLYONE ASIA) ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بېرىش-كېلىش نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇش پىلانلانغان. بۇ بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئايروپىلان ئالمىشىدىغان، ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان مۇساپىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، ئىككى جايدىكى كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىگە زور قولايلىق ياراتقان.

قەشقەر جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ھاۋا بوشلۇق تۈگۈنى بولۇپ، قەشقەر بىلەن تاشكەنت ئىككى جايدىكى كىشىلەرنىڭ سودا، ساياھەت، تۇغقان يوقلاش ئالاقىسى كۆپەيدى. 2025 ـ يىل 6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى «جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى» رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچكە ئىگە ئادەتتىكى پاسپورتى بار پۇقرالىرىنىڭ بىر قېتىمدا توختاش ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ھەر 180 كۈندە جەمئىي توختاش ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكتەك ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش ئىشقا ئېشىپ، ئىككى تەرەپ كىشىلىرىنىڭ بېرىش-كېلىشىگە زور سىياسەت پايدىسى ئېلىپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ