2-ئايدىن باشلاپ، بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

2026.02.02 15:50 مەنبە: خەلق تورى

2026-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇ جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ سەپەرگە چىقىشىڭىز، تۇرمۇشىڭىز، ئىستېمالىڭىزغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

«نەق خەلق پۇلى ئېلىش-تۆلەش ۋە مۇلازىمەتكە دائىر بەلگىلىمە» 2026-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

«بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئادەملىك پۇل ئېلىش، يۈزتۇرا مۇلازىمەت قىلىش، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن سودىدا چوقۇم نەق پۇل تۆلەشنى قوللاش ھەمدە پارچە پۇلنى يېتەرلىك تەييارلاپ قويۇش كېرەك؛ ئادەمسىز ئۈسكۈنىلەردە نەق پۇل ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ پۇل تۆلەشتىكى تاللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى بىرلىكتە «تور سودا سۇپىلىرىنىڭ قائىدىسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ چارە 2026-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. «چارە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: سۇپا قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ سۇپىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش پائالىيىتىگە نامۇۋاپىق چەك قويۇشقا، نامۇۋاپىق ھەق، توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى ئېلىشقا ياكى زىيان تۆلەم پۇلى ئېلىشقا بولمايدۇ.

«بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى» 2026-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئىجرا قىلىندى. «چارە»دە دىققەت بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى تىجارەتچىلىرى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماركېتىڭ خادىملىرى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ماركېتىڭ خادىملىرى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك سۇبيېكتقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھەرىكەت قىزىل سىزىقى بېكىتىلىپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تۆمۈريولدا «ئاۋازسىز ۋاگون» مۇلازىمەت دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ