
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 3 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى تەدرىجىي تېپىپ چىقتۇق. بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش. ئۈچىنچى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنى تۈپ مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. تۆتىنچى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. بەشىنچى، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش يولىدا پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش. ئالتىنچى، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. يەتتىنچى، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى ئېچىۋېتىش بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش. سەككىزىنچى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش. يۇقىرىقى بىرقانچە نۇقتىدا، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە قانداق قاراش، ئۇنى قانداق ئىشلەش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنىڭ ئاساسىي مەيدانى، نۇقتىئىنەزەرى، ئۇسۇلىنى نامايان قىلىدىغان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە. جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولى ھەم زامانىۋى پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغان، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، غەربنىڭ پۇل مۇئامىلە ئەندىزىسىدىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ يولنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسنى ئۇل قىلغان بولۇشى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىگە ئىگە بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قاتار ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق پۇل مۇئامىلە مۇھىم ئامىللىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. بىرىنچى، كۈچلۈك پۇلى بولۇش، خەلقئارا سودىغا مەبلەغ سېلىش ۋە تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىش، دۇنياۋى زاپاس پۇل ئورنىغا ئىگە بولۇش. ئىككىنچى، كۈچلۈك مەركىزىي بانكىسى بولۇش، پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارى بولۇش. ئۈچىنچى، كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بولۇش، تىجارەت ئۈنۈمى يۇقىرى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تۈرلىرى تولۇق بولۇش، دۇنياۋى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇش. تۆتىنچى، كۈچلۈك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇش، دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىپ، خەلقئارا باھا بېكىتىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش. بەشىنچى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچلۈك بولۇش، پۇل مۇئامىلىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تاكامۇل بولۇش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە قائىدىسىنى تۈزۈشتە كۈچلۈك سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇش. ئالتىنچى، كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بولۇش.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش شەرت. بىرىنچى، ئىلمىي، پۇختا بولغان پۇل مۇئامىلىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش سىستېمىسى، ئىككىنچى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان پۇل مۇئامىلە بازار سىستېمىسى، ئۈچىنچى، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى سىستېمىسى، تۆتىنچى، مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك بولغان پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى، بەشىنچى، كۆپ خىللاشقان، كەسپىي پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى، ئالتىنچى، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئادىل يول بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش، مەنپەئەتنىلا كۆزلىمەسلىك كېرەك. ئۈچىنچىدىن، سالماق، ئېھتىياتچان بولۇش، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كەتمەسلىك كېرەك. تۆتىنچىدىن، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان مەۋھۇم يولدا ماڭماسلىق كېرەك. بەشىنچىدىن، قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، باشباشتاقلىق قىلماسلىق كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ