
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زىمبابۋېنىڭ ئازادلىق كۈرىشىگە قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەرگە جاۋاب خەت قايتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىلەر ياشلىق دەۋرىڭلاردا مىللەتنىڭ ئازادلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا ئاتلىنىپ، يۇرتۇڭلاردىن ئايرىلىپ جۇڭگو بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە ۋە جەڭگىۋار دوستلۇق ئورناتتىڭلار، ھازىرغىچە جۇڭگو - زىمبابۋې، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ كەلدىڭلار، بۇ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2026 - يىلى جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى باشلىغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا «جۇڭگو - ئافرىقا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى». 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئافرىقىنىڭ مىللەتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە تەرەققىيات، گۈللىنىش ئىشلىرىدىكى ياخشى سەپدىشى، ياخشى ھەمراھى بولۇپ كەلدى، ئافرىقىلىق دوستلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى بېسىپ ئۆتۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئورتاق ئاتلاندى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ. سىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا ياشلىرىنى جۇڭگو - زىمبابۋې، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئات يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ دەۋر يېڭى سەھپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئافرىقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىدى. يېقىندا زىمبابۋېنىڭ ئازادلىق كۈرىشىگە قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت يېزىپ، جۇڭگونىڭ زىمبابۋېنىڭ مىللەتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ يېڭى دەۋردە قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئېچىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنى قىممەتلىك ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە قايىل بولدى. جۇڭگو - زىمبابۋې دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ