

شىنجاڭنىڭ 2026-يىللىق ئىككى يىغىنىنىڭ 4-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 16دە ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇدىرى شەپقەت ھوشۇر مۇنداق تونۇشتۇردى: تۇغۇش، بېقىش خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، ئۇ مىليونلىغان ئائىلىنىڭ بەخت-سائادىتى، تىنچ-ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈكنى يېنىكلىتىش، مۇلازىمەتتە خاتىرجەم قىلىش، مۇھىت جەھەتتە كۈچ قوشۇش ئارقىلىق ئائىلىلەر دۇچ كەلگەن كۆپ ئۆلچەملىك تەننەرخنى دەل جايىدا پارچىلاپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش جەھەتتە سىجىل كۈچەيمىز.
ئىقتىسادىي تەننەرخ جەھەتتە «يۈكنى بىۋاسىتە يېنىكلىتىپ»، بالا بېقىش ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى شەخسلەرگە بىۋاسىتە تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت پايدىسىنى دەل جايىدا، بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، تۇغۇتلۇق ئائىلىلەرنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىمىز
ۋاقىت، زېھنىي كۈچ جەھەتتە «يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خاتىرجەم بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا دائىر «بىر ئىش»تىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۇغۇلۇش ئىسپاتى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى نوپۇسقا ئېلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى تىزىملاش قاتارلىق ئىشلارنى «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇغۇتلۇق ئائىلىلەرنى «ئاز قاتراش، ئىشنى ئاسان بېجىرىش» ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ