
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر فېڭ شىنرەن) 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن فىنلاندىيە زۇڭلىسى ئوربو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فىنلاندىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 76 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇردى. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە خەلقى قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان، توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان روھقا ئىگە، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ دوستانە ئۆتۈشى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشى تارىخىي ئاساسقا ئىگە. بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ى باشلىنىدىغان يىل. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئايلانما ئىقتىساد، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق كەسپى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشى كېرەك. فىنلاندىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىن ئىبارەت بۇ «دېڭىز»غا كېلىپ «بەھۇزۇر ئۈزۈپ»، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز. فىنلاندىيە قار - مۇز كۈچلۈك دۆلىتى، جۇڭگومۇ قار - مۇز كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلاندى، ئىككى تەرەپ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قار - مۇز دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ فىنلاندىيە خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ، قەدىمىي ھەم زامانىۋى جۇڭگونى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا كۆپ خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، خەلقئارا جەمئىيەت قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى، چوڭ دۆلەتلەر تېخىمۇ باشلامچى بولۇپ باراۋەرلىككە ئەھمىيەت بېرىشى، قانۇنچىللىققا ئەھمىيەت بېرىشى، ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىشى، سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىنلاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا رەقىب ئەمەس بەلكى ھەمراھلار، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى رىقابەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئورتاق تونۇشى ئىختىلاپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئوربو مۇنداق بىلدۈردى: فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان مۇقىم تەرەققىي قىلىپ كەلدى. بۇلتۇر ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلىدى. فىنلاندىيە تەرەپ كارخانىلىرى جۇڭگوغا بېرىپ ھەمكارلىشىشقا ناھايىتى قىزىقىدۇ. فىنلاندىيە تەرەپمۇ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سودا، سېلىنما، رەقەملىك ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. فىنلاندىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. فىنلاندىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، فىنلاندىيە ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەركىن سودىنى قوللايدۇ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ سودا سۈركىلىشى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، مۇناسىۋەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ