شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2026-يىلى جەمئىيەتتىن ئىمتىھان ئېلىپ 711 مەمۇر قوبۇل قىلىدۇ

2026.01.29 16:10 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 2026-يىللىق ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. پۈتۈن بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ئىمتىھان ئارقىلىق 711 مەمۇر قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى. ئىمتىھان ئېلىش ئۇقتۇرۇشى 2026-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىمتىھان ئۇچۇر تورى (http://btpta.xjbt.gov.cn) دا ئېلان قىلىندى. تىزىملىتىش ۋاقتى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ