«شى جىنپىڭ بىلەن بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچى دوستلار» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2026.01.28 14:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭ بىلەن بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچى دوستلار» ناملىق كىتاب يېقىندا جۇڭگو ئىشچىلار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

بۇ كىتابتا 23 پارچە زىيارەت خاتىرىسى ئارقىلىق، يولداش شى جىنپىڭنىڭ خېبېي جېڭدىڭ، فۇجيەن، جېجياڭ، شاڭخەي ۋە مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، قۇرۇلۇش ئىش ئورۇنلىرى، زاۋۇت - كان سېخلىرى، پورت - پىرىستانلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچى دوستلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىدەك تەسىرلىك ھېكايىلەر بايان قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ باشتىن - ئاخىر كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئويلايدىغان، بىرلىكتە ئىشلەيدىغان خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىشىغا، يۈز مىليونلىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، سەپەرۋەر قىلىشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ