شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2026.01.28 14:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە سۇ لىننىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: يولداش باش شۇجى سۇ لىن باشچىلىقىدىكى ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋيېتنامنىڭ چوقۇم ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ۋيېتنامنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى بالدۇراق ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، ۋيېتناممۇ مىللەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. بىز جەزمەن ئېتىقادنى چىڭىتىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىرلىكتە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگو - ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتى، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە مۇھاكىمە، كادىرلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ بىرلىكتە ئاتلىنىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، زومىگەرلىك ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

سۇ لىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىم ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىغا ياخشى تىلەك بىلدۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: ۋيېتنام يېڭى مۇساپىدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، «ئالتە تېخىمۇ» تەلىپى بويىچە، سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستانە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى باشتىن - ئاخىر ۋيېتنامنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلھام ۋە قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. ۋيېتنام بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ھەمدە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى داۋاملىق قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە گۇڭئەن ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ۋيېتنام - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ بىلەن سۇ لىن ئۆزئارا باھار بايرىمىلىق سالام يوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ