بۇ يىل شىنجاڭ قەشقەر، ئالاتاۋ نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى

2026.01.28 14:52 مەنبە: خەلق تورى

1 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، قەشقەر، ئالاتاۋ نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، جۇڭگو-ياۋروپا (ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنى يۇقىرى سۈپەتتە يۈرۈشتۈرىدۇ. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى بىلەن شىنجاڭ ئىچىدىكى باشقا رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىش ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ