شىنجاڭدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم تۇنجى قېتىم 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى

2026.01.28 14:51 مەنبە: خەلق تورى

1 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2025-يىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. پۈتۈن يىللىق رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %5.5 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %7.7 ئاشتى، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى %7.2 ئاشتى، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %3.6 ئاشتى، تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %19.9 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %10.5 ئاشتى، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %5.3، %7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى تۇنجى قېتىم 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 20 مىڭ 793 يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ