بۇ بەش يىلدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت-ئوبلاستنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6 ئاشتى

2026.01.28 14:50 مەنبە: خەلق تورى

1 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ بەش يىلدا، بىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي ھەل قىلىپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلاپ، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت-ئوبلاستنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6 ئاشۇردۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق كۇرس مائارىپى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ شەھەر ـ بازارلىشىش نىسبىتىنى %61.61 ئەتراپىغا يەتكۈزۈپ، بەش پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈردۇق. يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تەرتىپلىك ئېلىپ باردۇق، كۆزىتىپ ئۆلچەش ئوبيېكتى بولغان 222 مىڭ 400 ئائىلىگە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ