شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى قەتئىي تەۋرەنمەي بىرىنچى ئورۇنغا قويدى

2026.01.28 14:49 مەنبە: خەلق تورى

1 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ بەش يىلدا، بىز جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى قەتئىي تەۋرەنمەي بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تىنچ-ئىناق يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردۇق. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق خەۋپ ـ خەتىرىنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىپ، چوڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ قالدۇق. جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۇدا بەش يىل %99 تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلىدۇق. ئېغىر خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلىدۇق. شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشتىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، دۇنياغا ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ