شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى باش شۇجى شى جىنپىڭغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق ۋە چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ

2026.01.28 14:48 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلىدى. 2022 ـ يىل 7 ـ ئاي، 2023 ـ يىل 8 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. 2025 ـ يىل 9 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەممە شادلىققا چۆمدى، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، خەلق داھىيسىغا بولغان سەمىمىي مىننەتدارلىقى ۋە چەكسىز ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ