دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو پۇقرالىرىغا باھار بايرىمى مەزگىلىدە ياپونىيەگە بارماسلىقنى ئەسكەرتتى

2026.01.27 15:29 مەنبە: خەلق تورى

«كونسۇل بىۋاسىتە لىنىيەسى» ئۈندىدار سالونى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىغا باھار بايرىمى مەزگىلىدە ياپونىيەگە بارماسلىقنى ئەسكەرتتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىندىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ناچار بولۇپ، جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى دېلولار كۆپ يۈز بەرگەن. قىسمەن رايونلاردا ئۇدا يەر تەۋرەپ، ئادەم يارىلانغان، ياپونىيە ھۆكۈمىتى كېيىنكى يەر تەۋرەش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. جۇڭگو پۇقرالىرى ياپونىيەدە ئېغىر بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دۇچ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ