
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە ئاياغلاشقان U23 ئاسىيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى 4:0 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئىككىنچى بولدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، U23 دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 4-دەرىجىلىك كوماندا سالاھىيىتىدە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئۆزىگە تەۋە سەھىپىنى پۈتتى.
مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا U23 ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن جۇڭگو كوماندىسىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ