
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ئارمىيە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلام خىزمىتى بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى، 2026 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«بەلگىلىمە»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا پائال ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئارمىيەنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سايلام خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى خۇلاسىلىنىپ ۋە قوبۇل قىلىنىپ، سىستېما لايىھەسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، پارتىيەنىڭ تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كومىتېتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ھەمدە پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى، باش ياچېيكا كومىتېتلىرى، ياچېيكا ھەيئىتىنىڭ سايلام خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇلدى.
«بەلگىلىمە» ئارمىيە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلام خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ مۇھىم ئىچكى نىزامى بولۇپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ