شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ مۇسېۋېنىنىڭ ئۇگاندا زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026.01.26 14:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يوۋېرى مۇسېۋېنىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۇگاندا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئۇگاندا ئەنئەنىۋى دوستلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردە مول ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشتا قالتىس ئۈنۈمگە ئېرىشتى. زۇڭتۇڭ مۇسېۋېنى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى چوڭقۇر ئالقىشلايدۇ. مەن جۇڭگو - ئۇگاندا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مۇسېۋېنى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ئۇگاندا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ