
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۇ لىنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋيېتنامنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ۋيېتنام خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ۋيېتنامنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، ۋيېتنامنىڭ مىللەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى، بۇ، دۇنيا سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى چوقۇم ۋيېتنام خەلقىنى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، ۋيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ.
جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. مەن جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ۋيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز مول مېۋە بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ