
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 - يىلى، مەن زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان جۇڭگو - بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشنى بىرلىكتە جاكارلىدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ى باشلىنىدىغان يىل. جۇڭگو تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - بىرازىلىيە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇش، ئەنسىزلىككە تولدى، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئىجابىي كۈچ، قەتئىي ھالدا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشى، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق ئورنى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى بولۇپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.
لۇلا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 2024 - يىلى بىرازىلىيەدە تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ بىرازىلىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى يېڭى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈردى، ئىككى دۆلەت ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپ ۋە لاتىن ئامېرىكىسى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ