شىنجاڭ تۆمۈريولى «ئاۋازسىز ۋاگون» مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ!

2026.01.26 14:09 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ تۆمۈريولى كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى قوللىنىپ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشقا مۇلازىمەت قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە قومۇل، لەنجوۋ قاتارلىق يۆنىلىشلەرگە قاتنايدىغان «خېشيې» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىغا «ئاۋازسىز ۋاگون» سەپلىنىدۇ.

2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى لەنجوۋ ـ شىنجاڭ گاۋتيېسىدا قاتناۋاتقان ئوق پويىزنىڭ كارىۋاتلىق ۋاگونىدىن باشقا «خېشيې» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدا «ئاۋازسىز ۋاگون» مۇلازىمىتىنى بىرتۇتاش ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەربىر ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدا بىر ۋاگوننى «ئاۋازسىز ۋاگون» قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ۋاگون ئىچىگە قېلىپلاشقان، بىرلىككە كەلگەن ئاۋازسىز بەلگە ۋە مۇلازىمەت ئەسكەرتىش كارتىسى ئورنىتىپ، پويىزنىڭ ئۈن ـ سىن، رادىيو ئاۋازىنى تەڭشەش، يولۇچىلارنى تىنچ ھەرىكەت قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق يولۇچىلارنى نىسبەتەن تىنچ پويىز ساياھەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، يولۇچىلارنىڭ پەرقلىق سەپەر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ساياھەت تەسىراتىنى ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ