
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«<15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.» ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدىن ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش» «توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش» «كۈرەش قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش» «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش» كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
ھەر قېتىملىق زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيەمىز ھەمىشە پۈتۈن پارتىيەنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلىدۇ. ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشتە، ئالدى بىلەن نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك.
«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە مۇھىم بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش» كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارىغا قارىتا يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ھازىر، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئۆزگىرىشى كەڭ، چوڭقۇر بولۇۋاتىدۇ، يېڭى شەيئىلەر ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. «كىچىك خالتىغا چوڭ نەرسىنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ، قىسقا ئارغامچا بىلەن چوڭقۇر قۇدۇقتىن سۇ ئالغىلى بولمايدۇ.» ئەگەر بىلىمىمىز يېتەرلىك بولمىسا، نەزەر دائىرىمىز كەڭ بولمىسا، ئىقتىدارىمىز كۈچلۈك بولمىسا، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە چارىسىز قالىمىز، كۆڭلىمىز ساراسىمىگە چۈشۈپ قالىدۇ، شۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ پۇرسەتنى تۇتۇپ، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولسۇن؟
ئىقتىدار يېتىشمەسلىك، «ئىقتىدار ۋەھىمىسى»نى يېڭىشتە، ئۆگىنىش باشلىنىش نۇقتىسى. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى «ئوزۇق»، ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى «ئاچقۇچ». كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن قانۇنىيەتنى چۈشىنىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە قابىلىيىتى، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش قابىلىيىتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ، سىياسىي ئىقتىدارى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. نېمە ئىش قىلسا شۇنى ئۆگىنىش، نېمە كەمچىل بولسا شۇنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي بىلىمىنى بېيىتىشى، كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. «خەتلىك كىتاب» ئوقۇش بىلەن «خەتسىز كىتاب» ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قابىلىيىتىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.
سىياسىي نەتىجە قارىشى مەسىلىسى تۈپ مەسىلە، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشتە، ئاچقۇچ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە.
قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى بولۇپ باقمىدى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بولدى. يەنئەندىكى قىزىل ئالما خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتىگە گۇۋاھ بولماقتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى «نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش» ئەمەلىي ھەرىكىتىگە گۇۋاھ بولماقتا، گاۋتيې كونا ئىنقىلابىي رايونلار، تاغلىق رايونلارغىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، «خەلق تۇرمۇشى بەخت يولى»نىڭ ماڭغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتا... دەل خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلغاچقا، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى، پارتىيە رايى، خەلق رايى يۈكسەك مۇجەسسەملىنىپ، خەلق ئاممىسى پارتىيەگە يۈكسەك ئىشىنىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.
«15 - بەش يىل»لىق كۈرەشتە، خەلققە بەخت يارىتىش − تۈپ قىممەت يۆنىلىشى. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ جاپاغا چىدىغاندىلا، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، خەلققە ھەقىقىي بەخت يارىتالايدىغان، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدىغان نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش، مەنبەنى قېزىش، ساپانى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قوغلىشىشتا ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىش، كۆپتۈرمىچىلىك قىلىپ، تۆھپە كۆرسىتىشكە بېرىلىش، كۆرۈنۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەلىيەتكە سەل قاراش، خەلقنى قاقشىتىپ مال - مۈلۈككە زىيان سېلىش، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق قىلمىشلىرىنى ئاڭلىق توسۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ۋە ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق خەلققە بەخت يارىتىشى، خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشى كېرەك.
يېڭى مۇساپە − يېڭى ئۇزۇن سەپەر، جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش كېرەك. ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشتە، جەزمەن كۈرەش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.
ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات داۋامىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، مەسىلىلەردىن «ئۆزىنى چەتكە ئالغىلى، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.» ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ» ئالدىدا، بىز ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، خەۋپ - خەتەرنى كۆزىتىش ئىقتىدارىمىز، ئالدىن كۆرەرلىكىمىزنى كۈچەيتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىشنى ۋاقتىدا بايقاپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىش، خىرىسقا يۈزلىنىش، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە ماھىر بولۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ۋاقتىدا، كەسكىن تۈگىتىشى، تىرىشىپ پايدىسىز ئامىللارنى دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىشتىكى پايدىلىق شارائىتقا ئايلاندۇرۇپ، قەيسەرانە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشى كېرەك.
«15 - بەش يىل»لىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دادىللىق بىلەن ئۆزلۈك ئىنقىلابى قىلىش كاپالەت، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش كېرەك.
چىرىكلىك سىياسىي ئېكولوگىيەنى بۇلغاپ، تەرەققىيات مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كاپالىتى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ھازىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. بۇ، جەزمەن باشتىن - ئاخىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قېلىشقا، يېرىم قەدەممۇ يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئىچكى بىردەكلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قانۇن - نىزام، تۈزۈمنىڭ ھەم «چەكلىگۈچى»، ھەم «قوغدىغۇچى» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، قانۇن - ئىنتىزامنى چۈشىنىش، قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەيمىنىشنى بىلىش، پاكىز ئىش قىلىش، دادىل ئىش قىلىش كېرەك.
مېڭىۋاتقىنىمىز جاھاندىكى توغرا يول، قىلىۋاتقىنىمىز ھەققانىي ئىش، بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، مىڭبىر جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر بولسىمۇ، لېكىن قەلبىمىزگە پۇقرالارنى پۈكۈپ، قولىمىزدا ھەقىقەت بولسىلا، ئىشەنچ ۋە كۈچكە تولۇپ، قەتئىيلىك بىلەن بوران - چاپقۇنغا باش ئەگمەي ئىلگىرىلىيەلەيمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە قىيىن ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتساقلا، بىز چوقۇم «15 - بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.
تارىخ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ، تارىخ ئەزەلدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ