مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

«ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىندى

2026.01.26 13:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالىدى، «ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىندى، 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىققەت ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە تەتقىقاتى ئەندىزىسى ياخشىلىنىپ، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسىنى ئايلاندۇرۇش، تەتبىقلاش كۈچەيتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلدى، بۇ، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نىزام ئاساسى.

«نىزام» جەمئىي يەتتە باب، 52 ماددا بولۇپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئۇرۇش رايونلىرى ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش ئومۇمىي پىرىنسىپى بويىچە، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە خىزمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قېلىپلاشتۇرۇلدى، ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان سىستېمىسىغا ئاساسەن، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى، يىللىق پىلاننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە تۈزۈش، ئېلان قىلىش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن قويۇپ بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش، تېما باشلاش، يولغا قويۇش، دەلىللەش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق باشقۇرۇش زەنجىرسىمان يولىنىڭ پۈتۈن جەريانى سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلدى؛ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئەمەلىيىتىنى ئىلمىي نەزەرىيە تىرىكى ۋە يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى تىزىملاپ ئورتاق بەھرىلىنىش، باھالاپ بېكىتىش، كېڭەيتىپ قوللىنىش، قايتا تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق تەدبىر - تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ