نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلىش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كېرەك

خەلق پۇلى نەق پۇل كىرىم-چىقىم يېڭى بەلگىلىمىسى كېلەر ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2026.01.23 10:38 مەنبە: خەلق تورى

خەلق پۇلىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇل ئورنىنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلق پۇلى نەق پۇلى ئېلىشنى رەت قىلىش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان چىقىم مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كۆپ خىل چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان نەق پۇل قولاي ئوبوروت مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «خەلق پۇلى نەق پۇل كىرىم-چىقىمى ۋە مۇلازىمەتكە دائىر بەلگىلىمە»نى تۈزدى، 2026-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئادەم كۈچى ئۇسۇلىنى قوللىنىپ پۇل ئېلىش، يۈزتۇرا مۇلازىمەت قىلىش ھەمدە توردا ئالدىن كېلىشىش، سودا قىلىش، تور سىرتىدا مۇلازىمەت قىلىش ياكى مال تاپشۇرۇشنى تاماملاشتا، يۈزتۇرا پۇل ئېلىش شەرتىنى ھازىرلىغاندا، ھەق ئالغۇچى ئورۇن، تىجارەت سۇبيېكتلىرى نەق پۇل تۆلەشنى قوللاپ، مۇۋاپىق پارچە پۇلنى زاپاس ساقلاپ قويۇشى كېرەك.

ئادەمسىز نۆۋەتچىلىك، ماشىنا-ئۈسكۈنە قاتارلىق ئاپتوماتىك مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى قوللىنىدىغان، شۇنداقلا «ھەممىباب كارتا» ئارقىلىق راسچوت قىلىدىغان، بىرتۇتاش باشقۇرۇلىدىغان باغچە رايونى، زاۋۇت رايونى، مەنزىرە رايونى، مەكتەپ قاتارلىق سورۇنلاردا، تىجارەت سۇبيېكتى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا چىقىم قىلىش ئۇسۇلى، نەق پۇل ئېلىش، ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە مۇلازىمەت تېلېفونىنى يېزىپ قويۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ