
خەلق ئىشلىرى مىنستىرلىقى، مالىيە مىنستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارغا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستىمال ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش سىياسىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ سىياسەت بۇلتۇر 7-ئايدا قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلەردە نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغانىدى.
بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بىرتۇتاش باھالاش ئارقىلىق ئىقتىدارىنى ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىلىك، پۈتۈنلەي يوقىتىش دەرىجىسىگە يەتكەن دەپ باھالانغان ياشانغانلار «民政通» (ئەپچاق، APPنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارقىلىق ھەر ئايدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 800 يۈەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئائىلىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمال بېلىتىنىڭ توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتى %50، ئاپپاراتلاردا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمال بېلىتىنىڭ توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتى %40 بولىدۇ. ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتى شەكلىدە ئاي بويىچە تارقىتىلىدۇ، ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ تۈرى ئائىلىدە، مەھەللىدە، ئاپپاراتلاردا ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تاماق، يۇيۇنۇش، تازىلىق، يول يۈرۈش، جىددىي قۇتقۇزۇش، داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرۋىشى، كۈندۈزلۈك ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ