
يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 2026-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قېلىپلىق باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2026-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مەملىكەتلىك بىرتۇتاش ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى ئېلىنىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ