
2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شېنجوۋ 20 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چېن دۇڭ، چېن جۇڭرۇي، ۋاڭ جيې ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئوربىتىدا ئالتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ، يۈك كۆتۈرۈشچان يەل بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان كىلاپان بۆلۈمچىسىگە يەتتە قېتىم كىرىپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاسراش، رېمونت قىلىش بويىچە 120دىن كۆپرەك تۈردىكى ۋەزىپىنى تاماملاپ، بىر قاتار بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە تېخنىكا سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، 2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بىخەتەر قايتىپ كەلدى. شېنجوۋ 20 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەندىن بۇيانقى 5 - قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى بولۇپ، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەككە ئۇچقۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئوربىتىدا تۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولۇش رېكورتىنى ياراتتى، بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مىللەت ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ ئالەم كېمىسىنىڭ بوشلۇقتىكى ئۇششاق پارچىغا سوقۇلۇش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، قۇرۇلۇش ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، بىخەتەرلىك بىرىنچى دېگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، تېز ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن ئىنكاس قايتۇردى، پۇختا تەھلىل قىلىپ باھالىدى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى تەمكىن، سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقىدا ئالەم كېمىسىگە ئالماشتى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىدىكىلەر بىلەن يەر يۈزىدىكىلەر بىر گەۋدە بولدى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەر يۈزىگە قوندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.
شېنجوۋ 20 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن. يولداش چېن دۇڭ، چېن جۇڭرۇي، ۋاڭ جيې بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر، ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلاپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، دۇنياغا قۇدرەتلىك جۇڭگو ئىرادىسى، جۇڭگو شىجائىتى ۋە جۇڭگو ئىشەنچىنى نامايان قىلدى. يولداش چېن دۇڭ ئۈچ قېتىم ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، جەمئىي ئالتە قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىشنى تاماملاپ، ئوربىتىدا تۇرغان ۋاقتى 400 كۈندىن ئاشقان تۇنجى جۇڭگولۇق ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ قالدى. يولداش چېن جۇڭرۇي قەتئىي، كەسكىن بولۇپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكە مەشغۇلات قىلىپ، تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇپ ھەم ئۈچ قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىشنى پۇختا تاماملىدى. يولداش ۋاڭ جيې پۇختا مەشىق قىلىپ، جاپاغا چىداپ تاۋلىنىپ، شەرەپ بىلەن شېنجوۋ 20 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىلار گۇرۇپپىسىغا تاللىنىپ، زىممىسىدىكى ۋەزىپىنى قالتىس ئورۇندىدى. ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولداش چېن دۇڭغا «1 - دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، يولداش چېن جۇڭرۇي، ۋاڭ جيېغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى ھەم «3 - دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىشنى قارار قىلدى.
يولداش چېن دۇڭ، چېن جۇڭرۇي، ۋاڭ جيې ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالىيجاناب ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرى، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئۈلگە ۋە نەمۇنىچىلار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەقدىرلەنگەن ۋە مۇكاپاتلانغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ