«15 - بەش يىل»لىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2026.01.23 10:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا <15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك.» ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى قانداق ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى.

زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماددىي تېخنىكا ئاساسى، ئۇنى «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشى. قانداق قىلغاندا ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم ئالدى. 2025 - يىلى، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىق كۆلىمىنىڭ ئۇدا 16 يىل دۇنيا بويىچە 1 - لىكنى ساقلىشىدىن ئۈمىد بار، كۆلەمدىن يۇقىرى جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2024 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %9.2، %9.4 ئاشتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوتېببىي دورا، ماشىنا ئادەم قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئەمەلىي قوللىنىش جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك بولۇشى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئەۋزەللىكى، ئۇلى. بۇ يىللاردا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلىدى، ئىستراتېگىيەلىك تايانچ دەل مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسىدۇر.

تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا نەزەر سالساق، ھازىر دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغانسېرى، ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى شۇنچە چىڭ ساقلاپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى شۇنچە تېزلىتىش كېرەك. «ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ماددىي تىرەك بىلەن تەمىنلەش» «كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا رىقابەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت ئومۇملۇق نەزەر دائىرىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى ئويلاشقاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مەقسىتى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ئەسلىي نىشانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، «ئومۇميۈزلۈك بولۇش» − ئومۇملۇق نەزەر دائىرىسى بىلەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىگىلەشنى كۆرسىتىدۇ. بىز «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، دۇچ كەلگەن ۋەزىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، نىشان - ۋەزىپىسى، سىياسەت - تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇملۇق قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىز، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالماسلىقىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ يەر - بۇ يەردىن نەقىل كەلتۈرمەسلىكىمىز كېرەك.

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى نېمە؟ قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟ بۇ مەسىلىلەرنى ئېنىق ئويلىغاندىلا، ئايدىڭلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن تونۇش جەھەتتە تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇشنى، ھەرىكەت جەھەتتە تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ساھەلەر ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئاقىللىشىش، يېشىللىشىش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەر ئۆزئارا جىپسىلاشقان، ھەرقايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەيدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.» بۇ، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەمەلىيەت يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىدىكى تايانچ دەل ئىلغار ياسىمىچىلىق. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق سالمىقىنى ساقلاش، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، «چوڭقۇر بولۇش» − «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا قارىتا ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى ھەم ماھىيىتىنى چۈشىنىپ، ھەم نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش، ھەم نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، قانداق ئىشلەش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە چىقىرىلغان مۇھىم ھۆكۈم، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىجادىي تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق دەلىللەشتىن ئۆتكەن. بىز ھەقىقىي تۈردە تولۇق چۈشىنىشىمىز، تەھلىل قىلمايلا قارىسىغا قوبۇل قىلىپ، چالا - بۇلا بىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش مۇقەررەر تەلەپ. باش شۇجى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش» كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، «بىر قىسىم جايلار ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بەرمەي، ئېقىمغا قارىغۇلارچە ئەگەشتى، باشقىلارنىڭ ئۆزەك ئىشلىگىنىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ ئىشلىدى. باشقىلارنىڭ <يېڭى ئۈچ خىل> كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىمىدى» دەپ تەنقىد قىلدى.

«يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قاراش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس، پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىل ئەندىزىگىلا ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئاساسى، پەن تەتقىقات شارائىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا تاللاش خاراكتېرلىك تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى... باش شۇجىنىڭ يىراقنى كۆزلەپ چوڭقۇر ئويلىنىشىدا، «ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش»تىن ئىبارەت سەگەكلىك، تەمكىنلىك، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئۇسۇلى بار، بۇ بىزنى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلىدى.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، «دەل جايىدا بولۇش» − «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلاردىكى سىياسەت چەك - چېگراسى ۋە ئۆلچىمىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى چوقۇم قىلىش، قىلالايدىغان ئىشنى تىرىشىپ قىلىش، قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى مەۋقەنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قويۇپ تۈزۈلگەن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك، ئومۇملۇق، يۆنىلىش خاراكتېرىگە ئىگە. ئوخشاش بولمىغان تەدبىرلەر تەتبىقلاش دائىرىسى، ئىلگىرىلەش تەلىپى، يولغا قويۇش ۋاسىتىسى جەھەتتە پەرقلىق بولۇپ، ھەممىسىنى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن ياخشى ئىگىلەش كېرەك.

ئۆگىنىش قانچە چوڭقۇر بولسا، بىلىش شۇنچە ئېنىق بولىدۇ، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. بىز قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن قانۇنىيەتنى چۈشىنىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ئومۇملۇقنى قەلبكە پۈكۈپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىرادىنى ساقلاپ، تاكتىكا جەھەتتە كۆڭۈل قويۇپ پىلان تۈزۈپ، جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ