شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ ئۆزئارا سوقۇلۇش ھادىسىسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپانىيە پادىشاھىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026.01.22 14:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ ئۆزئارا سوقۇلۇش ھادىسىسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ − 6گە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كوردوبا ئۆلكىسىدە بەختكە قارشى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ ئۆزئارا سوقۇلۇش ھادىسىسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېزغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ