
U23 ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقايسى جايلاردىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ، نەق مەيدانغا كېلىپ مۇسابىقە كۆرۈش كۈچلۈك ئارزۇسىنى بەس-بەستە ئىپادىلىدى. ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگو توپ مەستانىلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، كونسۇل رايونىدىكى جۇڭگو چياۋمىنلار ئۆمىكى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئاپپاراتلىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارغا قىسمەن كىرىش بېلىتىنى سوۋغا قىلدى.
جۇڭگونىڭ جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى كەڭ توپ مەستانىلىرىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئايرىم ئۆز تاراتقۇلاردىكى ئاتالمىش «جۇڭگولۇقلاردىن كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ»، «جۇڭگو پاسپورتى بىلەن مەيدانغا كىرىپ مۇسابىقە كۆرسە بولىدۇ» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يالغان ئۇچۇر. كەڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ يولى ئارقىلىق مۇسابىقە كۆرۈش بېلىتىگە مۇددەتتىن بۇرۇن ئېرىشىپ، سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، مۇسابىقىنى مەدەنىي، تەرتىپلىك كۆرۈپ، جۇڭگو توپ مەستانىلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ