سوفىيە شەرەپ بىلەن 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى!

2026.01.22 14:44 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 19-كۈنى، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى، ئورقۇ رايونلۇق خەلق قوراللىق بۆلۈمى ۋە قاراماي رايونى شۆگەي يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، «ئۇرۇش تەييارلىقى مەشقىدە 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىش» خۇش خەۋىرى ۋە ھال سوراش پۇلىنى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان سوفىيەنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يەتكۈزدى.

سوفىيە قاراماي شەھىرىدىن، تېلېفونىست ئەسكەر، شۇنداقلا يەنە لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا تېلېفون ئىستانسىسىنىڭ ھازىرقى بەنجاڭى بولۇپ، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ تاشقى خەۋەرلىشىش-ئالاقىسىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ