
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىلىپ، تەكشۈرۈش قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلار دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈلىدىكەن. باھا باشقۇرۇش چىڭىتىلىپ، ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئېلىۋېلىش، ئاۋۋال ئۆستۈرۈپ ئاندىن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق قىلمىشلاردىن بىرى بايقالسا، بىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن، بىرى ئاشكارىلانسا، بىرىگە زەربە بېرىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ