
جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن، بازارنىڭ خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى يۇقىرى بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، نەق مال ئالتۇن، ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ زاكاز مال باھاسى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى. 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىمۇ سىجىل ئۆرلىدى، نۇرغۇن داڭلىق ماركىلىق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ ھەر گىرامىنىڭ باھاسى 1500 يۈەنگە يېقىنلاشتى، بىر قىسىم داڭلىق ماركىلىق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ ھەر گىرامىنىڭ باھاسى 1500 يۈەندىن ئاشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ