
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 14 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى:
ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋيېتنام خەلقى ۋە ۋيېتنام سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى. ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋيېتنام خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ۋيېتنامنىڭ سىياسىي، جەمئىيەت ئىشلىرى مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادى تېز ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىپ، خەلقئارادىكى ئورنى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى نامايان قىلىنىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 14 - قۇرۇلتىيى ۋيېتنام پارتىيەسى ۋە ۋيېتنام خەلقى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. قۇرۇلتايدا كەلگۈسى بەش يىللىق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ۋيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجېن پىلانلىنىپ، ۋيېتنامنىڭ مىللەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلىنىدۇ، بۇ، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قۇرۇلتاي بىر قېتىملىق ئىتتىپاقلىشىپ غەلىبە قىلىدىغان قۇرۇلتاي بولىدۇ، ۋيېتنام خەلقى ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، قوشنا دۆلەتلەر ئىناق - دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش» فاڭجېنى ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ» روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتە تېخىمۇ» ئومۇمىي نىشانى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن بىرلىكتە مۇھىم تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ