
مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئىدارىسى لەنجوۋ تاللاش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە
ھاۋا ئارمىيە 2026 -يىللىق ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە 1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنىدىن 25 ـ كۈنىگىچە شىنجاڭدا دەسلەپكى تاللاش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ
تىزىملىتىشنى خالايدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋېيشىن ئەپچىقى «ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەقلىي سۈرۈشتۈرۈش»كە چىقىپ تىزىملىتىڭلار
1-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 18 دە تىزىملىتىش ئاياغلىشىدۇ
قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ تىزىملاتمىغان ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى تاللاش تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىشقا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ

ئەپچاق كودىنى سىكاننېرلاپ توردا تىزىملىتىڭ
تەكشۈرۈشكە قاتناشقاندا
ئوقۇغۇچى كىملىكى ياكى ئائىلە نوپۇس دەپتىرىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك
تەنھەرىكەت كىيىمى (ئايىغى) كىيشى كېرەك
سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بۇرۇن ئاچ قورساق يۈرمىسىمۇ بولىدۇ
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلار چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە دەسلەپكى تاللاش، تەكشۈرۈشنى تاماملىشى كېرەك
قەرەلى ئۆتۈپ كەتسە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ.
كېيىنكى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ