2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئىككىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى!

2026.01.21 16:40 مەنبە: خەلق تورى

2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ شەندۇڭ ئاۋىياتسىيەسىئۈرۈمچىدىن سەنيا، جېڭجوۋغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ.

ئۈرۈمچىدىن سەنياغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچۇش پىلانلاندى. بېرىش مۇساپىسىدىكى SC 4925 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 8 دە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 12 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە سەنيا فېڭخۇاڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسدىكىى SC 4926 نۆۋەتچى ئايروپىلانى سائەت 14 تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە سەنيا فېڭخۇاڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 20 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ.

ئۈرۈمچىدىن جېڭجوۋغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى بىر نۆۋەت ئۇچۇش پىلانلاندى. بېرىش مۇساپىسىدىكى SC 4941 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 15 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە جېڭجوۋ شىنجېڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدىكى SC 4942 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە جېڭجوۋ شىنجېڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 14 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ